رۇسىيە ئامېرىكا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دىپلوماتىك مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سوتقا ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن، ئادۋوكاتلىق شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

813851
رۇسىيە ئامېرىكا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، رۇسىيە NTV قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، «ماتېرىياللارنى تەييارلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئادۋوكاتلار بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمىز، ئادۋوكاتلىق شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار پىكىرلىرىنى ئېلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەيمىز، بىراق، ئالدىراقسانلىق قىلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا چاقىرىلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا مۇسادىر قىلغان رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك مال – مۈلۈكلىرى توغرىسىدا سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى، بۇ ھەقتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوليورۇق چۈشۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر