خىتايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى

خىتاينىڭ شەرقىگە جايلاشقان جې جېىياڭ ئۆلكىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى .

813595
خىتايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىگە جايلاشقان جې جېىياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 11 كىشى ئۆلدى ۋە 12 كىشى يارىلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، تايجۇ شەھىرىگە قاراشلىق يۇخۇەن ناھىيەسىدىكى بىر بىنادە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى مىڭ تەسلىكتە ئۆچۈرۈۋالدى ۋە يارىلانغانلار جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.

2 يارىلانغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئوت ئاپىتىڭ كېلىش چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر