ئامېرىكىدىكى روھىڭيالىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ياشايدىغان روھىڭيالىقلار، بىرما دائىرىلىرىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

812906
ئامېرىكىدىكى روھىڭيالىقلار نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىرمادا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىردى. نامايىشتا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ چىكاگودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئۇمۇت ئاجار، «تۈركىيە سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئامان – ئېسەن چوڭ قىلىدىغان بىر ئۆيۈڭلار بولغۇچە يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ» دېدى.

«روھىڭيالىقلارغا ئەركىنلىك»، «روھىڭيا قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بەر» ۋە «روھىڭيالىقلارغا ئادىللىق تەلەپ قىلىمىز» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان نامايىشتا، «روھىڭيالىقلارغا ئادالەت» ۋە «ئاراكاندىكى بالىلار جىنايەتلىرىگە خاتىمە بېرىلسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلار دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر