ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، پايتەخت دەمەشقنىڭ «توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلار سىزىقى» ئىچىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ ئەين تەرما بازىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.

813001
ئەسەد كۈچلىرى شەرقىي غۇتەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، پايتەخت دەمەشقنىڭ «توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلار سىزىقى» ئىچىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ ئەين تەرما بازىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، 3 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 15 پۇقرانى يارىلاندۇردى.

ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەنىڭ ئەين تەرما بازىرىنى قولغا كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى داۋام قىلماقتا؛ ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى ئەين تەرمادىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى ئەمەلدارى مۇستافا ئالا، ھۇجۇمدا يارىلانغان 15 پۇقرانىڭ رايوندىكى جوبار دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەمەشقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان جوبار مەھەللىسى بىلەن ئەين تەرما ۋە زەمالىكە بازارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي غۇتە رايونى، 5 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئەسەد ھاكىمىيىتى، شەرقىي غۇتەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېرىم ئارال شەكىللىك جوبارنى غەربىي جەنۇبىدىكى ئەين تەرما ۋە زەمالىكەدىن ئايرىپ تاشلاپ، يالغۇز ھالىتىدە مۇھاسىرىگە ئېلىشنى پىلانلىماقتا. ئەگەر شۇنداق قىلالىسا، ھاكىمىيەت كۈچلىرى شەرقىي غۇتەدىكى مۇھاسىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولىدۇ.

شەرقىي غۇتە، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ 3-، 4 – مايدىكى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا چاقىرغان يىغىنىدا بېكىتىپ چىققان 4 توقۇنۇشماسلىق رايونىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە، رايوندىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ 22 – ئىيۇلدا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر