ئامېرىكا شىمالىي ئىراقنى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

811286
ئامېرىكا شىمالىي ئىراقنى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزمەكچى بولغان مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتتىق قارشى چىقماقتا. بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇۋېلىش كوردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىراقلىقلارغا بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ» دېدى.

ھېئىتېر نائۇئېرت بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئىراققا قوشنا ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ پىلانلىنىۋاتقان ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەربىل باغدادنى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردە، باغداد بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ۋە بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇزاكىرىلەرنى قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ كوردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىراقلىقلارغا بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نائۇئېرت، بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە دائىر دەتالاشلارنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە «يامان تەسىر» كۆرسەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ باياناتىدا يەنە، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە ۋە بېلەت تاشلاشنىڭ ئىراقنىڭ خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرى خالىمىسىمۇ قىلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ياردەملەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بولسا، مۇشۇنداق قىيىن ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ ئاددىي رېئاللىقىدۇر. ئەكسىچە، تەرىپىمىزدىن كورد ئەمەلدارلارغا تەڭداش يول سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەقىقىي مەنىدىكى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش، ئىراقلىق كوردلارنىڭ ئورۇنلۇق دەردلىرىگە چارە تېپىش ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر