ئامېرىكا بىرما ئارمىيەسىنى ئاراكاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئاراكان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

811469
ئامېرىكا بىرما ئارمىيەسىنى ئاراكاندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئاراكاندا يۈز بەرگەن ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئاراكان خەلقىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا «ئېغىر تىراگېدىيە» دەپ باھا بېرىپ، بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئارمىيەنىڭ ئاراكان خەلقىگە «ۋەھشىيلەرچە» ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«يېزىلار كۆيدۈرۈلدى، ئاراكان خەلقى ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى، زوراۋانلىقنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى كۆردۇق. بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكا خەلقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى چۈچۈتتى» دېگەن مايك پېنس، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن «تارىخىي كۆچۈش» ھادىسىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بىرما ھۆكۈمىتىگە قايتا چاقىرىق قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «بىرما خەۋپسىزلىك كۈچلىرى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىشى لازىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چارىلەرنى تېپىش يولىدىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مايك پېنس، «بۇ كىرىزىسنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئاراكان خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلىنىشى ۋە ياردەم قىلىنىشى ئۈچۈن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە مەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى كۈچلۈك ۋە تېز قەدەم تاشلاشقا چاقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر