ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاچلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

بىرما ئارمىيەسى بىلەن بۇددىست مىللەتچىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ باڭلادىشقا كەلگەن ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

809749
ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاچلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئىندىپېندېنت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ۋەقپى» نىڭ باڭلادىش تارمىقى دىرېكتورى مارك پىئېرس، باڭلادىشقا كەلگەن يۈز مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ ئاشلىق، سۇ ۋە قونالغۇ قيىنچىلىقى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «نۇرغۇن كىشى ئاچ، ھارغىن، يانلىرىدا سۇ ۋە ئوزۇقلۇق يوق ھالەتتە باڭلادىشقا ئۆتمەكتە» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەن، بولۇپمۇ موھتاج كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئاشلىق، قونالغۇ، سۇ ۋە ئاساسلىق تازىلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قامدالمىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتىمەن. ئەگەر ئائىلىلەر ئادەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالمىسا، كۈلپەتنىڭ ھەجىمى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ ۋە بۇ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باڭلادىشتىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن پىئېرس، «بۇ پەقەت خەلقئارا جەمئىيەت مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغاندىلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن» دېدى.

«بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ۋەقپى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 600 مىڭى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ باڭلادىشقا ئۆتۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنغان ھالدا، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «يالغۇز، ياردەمگە موھتاج» ئىكەنلىكى، سۇيىئىستېمال قىلىنىش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

«بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ۋەقپى»، باڭلادىش تەرەپكە ئۆتكەن نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە گۇۋاھ بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق مىلىتارىستلارغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاراكاندىكى پۇقرالارغا قاراتقان 25- ئاۋغۇستتىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا مىڭلارچە مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىرما دائىرىلىرى، رايونغا كىرىش – چىقىشلارغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە ئۆلگەن پۇقرالار سانىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

ئارمىيە بىلەن مىللەتچى بۇددىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا 200 ئەتراپىدا يېزىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى ياكى ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان ھاياتى بىخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ رايوندىن قېچىشقا تىرىشماقتا. بىرمادىن قاچقان پۇقرالار تاغلىق رايونلار، ناف دەرياسى ياكى دېڭىز يولى ئارقىلىق باڭلادىش تەرەپكە ئۆتمەكتە.

25 – ئاۋغۇستنىڭ مابەينىدە 400 مىڭغا يېقىن ئاراكانلىق مۇسۇلمان باڭلادىش تەرەپكە ئۆتتى. ب د ت  بالىلار پاراۋانلىق فوندى، بىرمادىن قېچىپ باڭلادىشقا كەلگەنلەر ئارىسىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر