خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9 يىلدا تۇنجى قېتىم ئاراكان مۇسۇلمانلىرى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9 يىلدا تۇنجى قېتىم بىرما مەسىلىسىدە ئورتاق باياننامە توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

806662
خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9 يىلدا  تۇنجى قېتىم ئاراكان مۇسۇلمانلىرى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سېنتەبىر ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى ئېفىيوپىيەنىڭ ب د ت دە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى تېكېدا ئېلېمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاراكان مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىقلار ھەققىدە چاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان سۆزىدە، ئاراكاندا مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىققا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارغا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۈچ ئىشلىتىشى ۋە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدۇ، شۇنداقلا ئاراكاندىكى زوراۋانلىققا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى، سۈركىلىشنىڭ ئازايتىلىشى ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.»

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باڭلادېشنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ئىشىكىنى ئېچىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئېلېمۇ، بىرما ھۆكۈمىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە يول قويۇشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماسيۇ رىكروفت بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىرما مەسىلىسىدە ئورتاق باياننامە توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»

بۇ ئارىلىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس ب د ت باش ئورگىنىدا ئومۇمىي كېڭەشنىڭ 72 – نۆۋەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زوراۋانلىق ھەققىدە توختالغاندا، بىرمىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائىرىلەردىن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش، زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ دۆلەت چېگرالىرىدىن ھالقىپ، رايونلۇق مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان گۇتتېررېس، ئاراكاندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى «پالاكەت» دەپ ئاتىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئاراكانلىق پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 25 – ئاۋغۇستتىن تارتىپ ھازىرغىچە مىڭلارچە مۇسۇلمان ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا كىرىش – چىقىشلارغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىش قىيىنلاشماقتا.

ھۇجۇملاردا 150 تىن ئارتۇق يېزا - قىشلاققا ئارمىيە ۋە بۇددىست مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئون مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلمان بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ رايوندىن يىراقلىشىشقا تىرىشماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، زوراۋانلىقتىن قېچىپ باڭلادېشتىن پاناھلىق تىلىگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 380 مىڭغا يېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر