ئىسرائىلىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا، يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قورۇلۇشىغا پۈتۈن دۇنيا قارشى تۇرۇشى كېرەك ۋە ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى مەنئىى قىلىشى لازىم» دېگەن ئىدى.

806064
ئىسرائىلىيە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدىكى ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىغا قارشى سەپەرەۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى توسۇش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش قارارى ئالدى.

ھارېيتىز گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرلىقى، مەزكىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئىئانە قىلغان ۋە ياردەم بەرگەن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىدىن باج ئېلىشنى باشلىغان.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قارشى تاشلايدىغان يەنە باشقا قەدەملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى قەدەملەرنى تاشلاش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

خەۋەردە يەنە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرىنى ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سوئال-سوراققا چاقىرغانلىقى ۋە 2011–يىلى ئىسرائىلىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىغانلارغا قارشى چىقىرىلغان قانۇننى تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە ۋە ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان پەلەستىن زېمىنىدا، يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قورۇلۇشىغا پۈتكۈل دۇنيا قارشى تۇرۇشى كېرەك ۋە مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىشى لازىم» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر