ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى قاھىرەدە ئېچىلدى

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت 2017-يىل 5-ئىيۇندىن تارتىپ باشلانغان پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياج بارلىقىنى ۋە بۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

806311
ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى قاھىرەدە ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەبۇ گايت مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئېچىلىۋاتقان ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 148-نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرەسىدە، جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ 148-نۆۋەتچى رئىسى مەھمۇت ئەلى يۇسۇف بىلەن كۆرۈشتى. ئەبۇ گايت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتىنىڭ 25-ئىيۇل ئۆتكۈزمەكچى بولغان رېفېراندۇم، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ ئافرىقىدا نوپۇز تىكلەش ئۇرۇنۇشلىرى توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئافرىقىدىكى نوپۇز تىكلەش تاكتىكىسىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مەسلىھەت قىلىش كومىتېتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش ۋە پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ ئۈستىنى يېپىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان مۇنبەرلەرگە قاتناشماسلىقنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ قاتار بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا پارتلىغان كىرىزىس ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ كىرىزىسنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياج بارلىقىنى ۋە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جىبۇتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىغىندا، لىۋىيەنىڭ زېىمن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشىنى، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ رەت قىلىنىشىنى ۋە سۈرىيەدىكى كىرىزىسنى پەقەت سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى قاتارلىق بەزى قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 5-ئىيۇن تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىن بەزى دۆلەتلەرمۇ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر