دائېشنىڭ قولىدا تەييار قۇرۇق پاسپورتلار بار

گېرمانىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يازغىلى بولىدىغان 11 مىڭ تەييار پاسپورت بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

804693
دائېشنىڭ قولىدا تەييار قۇرۇق پاسپورتلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدا تەييار قۇرۇق پاسپورتلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. گېرمانىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېررورىستلار قولىدىكى راست پاسپورتلارنى يالغان كىملىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

گېرمانىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورۇنلاردىن ئوغرىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 18 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇق پاسپورتتىن 11مىڭىنىڭ دائېشنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، قالغان پاسپورتلارنىڭ باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر