خىتاي يادرو بومبا رادىئاتسىيەنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مۇتەخەسىسىسلىرى شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان ۋودورود بومبا رادىئاتسىيەنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

803769
خىتاي يادرو بومبا رادىئاتسىيەنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي شىمالىي كورېيەدىكى ۋودورود بومبا سىنىقىدىن كېيىن رادىئاتسىيەنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

خىتاي مۇتەخەسىسىسلىرى شىمالىي كورېيە بىلەن قوشنا چاڭبەي كورېيە ئاپتونوم رايونىدا 3 – سېنتەبىردىن 5 – سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا رادىئاتسىيە سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىدى.

خىتاي مۇتەخەسىسىسلىرى سىناق جەريانىدا رادىئاتسىيەنىڭ 108.6 نانوگىراي سەۋىيەسىدە بولغانلىقىنى، 6 – سېنتەبىر ئەتىگەندە بولسا، ۋودورود بومبا پارتلىغان جاينىڭ غەربىي تەرىپىدە رادىئاتسىيە سەۋىيەسىنىڭ 110.7 گە چىققانلىقىنى، ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، 112.5 سەۋىيەسىگە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي مۇتەخەسىسىسلىرى يەنە، يادرو بومبا سىناقلىرى بىلەن رادىئاتسىيە سەۋىيەسىدىكى ئۆرلەش ئوتتۇرىسدا بىر باغلىنىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ھازىرچە بالدۇر ئىكەنلىكىنى، رادىئاتسىيە سەۋىيەسىدىكى 20 نانوگىرايغىچە بولغان ئۆرلەشنىڭ تەبىئىي سەۋەبلەردىنمۇ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر