ماكرون تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق ھاسىل بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

802929
ماكرون تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق ھاسىل بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە، بىز ئىتتىپاقتا دۇچ كەلگەن كۆپلىگەن كىرىزىستا بولۇپمۇ كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى مۇھىم بىر شېرىك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئاتىنا (ئافېنا) زىيارىتىدىن ئىلگىرى گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «كاتىمېرىنى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ھاسىل قىلىنغان كۆچمەنلەر كىرىزىسى توغرىسىدا توختالغان ماكرون، «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى كۆچمەنلەر كېلىشىمى روشەن ھالدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. بۇ نەتىجىلەر، خۇسۇسەن كۆچمەن كىرىزىسىدا باشتىن تارتىپلا ئاساسىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەن گىرېتسىيە ئۈستىدىكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى» دېدى.

ئۇ، كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىر يولنى تاقىۋەتكىنىڭىزدە ئاق دېڭىزدا باش بىر يول ئېچىلىدۇ. بىز ياۋروپا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قوغدىنىشقا موھتاج، ياۋروپانىڭ قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار مۇساپىرلارنى قانۇنسىز ۋە ئىقتىسادىي كۆچمەنلەردىن ئايرىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر