رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

802194
رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلىشى سەۋەبلىك رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكا ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا يوليرۇق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىنتېرفاكستا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرگە كۆرە،  پۇتىن رۇسىيەگە تەۋە دىپلوماتىك ئورۇنلارنىڭ بىنالىرىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

پۇتىن يەنە مۇنداق دېگەن: «ئالدى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سوتقا ئەرز قىلىشقا يوليۇرۇق بېرىمەن،  ھەممە ماختاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە شۇ ۋاقتىدا ھۆكۈم قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر