BRICS دۆلەتلىرى يىغىنى خىتايدا باشلىنىدۇ
BRICS دۆلەتلىرى «بىرازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبى ئافرىقا» بىرلىكى باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن شىيامىن شەھىرىدە باشلىنىدۇ.
800341
![BRICS دۆلەتلىرى يىغىنى خىتايدا باشلىنىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/526e/91aa/68e3/59abb57bb9cfb.jpg?time=1718927295)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
خىتاي نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان يىغىندا رەھبەرلەر يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سودا، سېلىنما، پۇل – مۇئامىلە ھەمكارلىقى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.