خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاراكان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئەنگلىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاراكان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

799043
خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاراكان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماسيۇ رىكروفت يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇزاكىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى تولىمۇ ئەندىشىلىك ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئاراكاننىڭ ۋەزىيىتىديىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، بارلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئالاقىدار تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىمىز.»

خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ئاننان پىلانى» دىن ئورۇن ئالغان تەۋسىيەلەرنى بىردەك قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىكروفت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاراكان مەسىلىسى توغرۇلۇق رەسمىي ھۆججەت ئېلان قىلمىغانلىقىنى، يىغىندا پەقەت ئاراكاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ ئەسلىدە بىرمىغا بېرىلگەن سىگنال ئىكەنلىكىنى، ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

يىغىندا باڭلادېشنىڭ روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلىپ قىلماسلىق مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىكروفت، باڭلادېشنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، يېڭى كەلگەنلەرگىمۇ ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر