ترامپ ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ يىللىق خامچوتىنى «خورىتىپ» بولدى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئائىلىسىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ساياھەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى يۈزىسىدىن ئىدارىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىپ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ترامپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداشقا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى راندولف ئاللېس، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئائىلىسىنىڭ چوڭلۇقى ۋە ساياھەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى يۈزىسىدىن ئىدارىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىپ بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
«USS Today» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئاللېس، «پىرېزىدېنتنىڭ ئائىلىسى بەكلا چوڭ. بىزنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بۇ قانۇننى مەن ئۆزگەرتەلمەيمەن ۋە بۇ جەھەتتە بوشاڭلىقمۇ قىلمايمەن» دېدى.
سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزگىلىدە 31 ئادەمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئاللېس، ترامپ دەۋرىدە بولسا، 42 كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئۇ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاجراتقان خامچوتقا ئىلاۋە مەبلەغ ئاجرىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ يىللىق 160 مىڭ دوللار بولۇۋاتقان مائاشلىرىنىڭ ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە يىللىق 187 مىڭ دوللارغا ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دونالد ترامپنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن چىقىملارنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاللېس، بىراق پىرېزىدېنتنىڭ داۋاملىق تەتىلگە بارىدىغانلىقىنى ۋە ئىزچىل مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.