ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋىرگىنىيە فورت مايېر ھەربىي بازىسىدا سۆز قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستانغا ئالاقىدار يېڭى ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى.

794301
ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتى 16 يىلدىن بۇيان ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئافغانىستاندىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىشىنىڭ «مۆلچەرلەش مۇمكىن، ئەمما قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان» ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋىرگىنىيە فورت مايېر ھەربىي بازىسىدا سۆز قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئافغانىستانغا ئالاقىدار يېڭى ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ سۆزى ئەسناسىدا، «بىز ئافغانىستان ۋە تېخىمۇ كەڭ رايوندا دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم» دېدى.

«قىسىمنىڭ سانى ياكى ئالدىمىزدىكى ھەربىي پائالىيەت پىلانىمىز توغرىسىدا توختىلالمايمىز» دېگەن ترامپ، قۇلاققا ياقىدىغان ۋاقىت جەدۋەللىرىنىڭ ئەمەس، ئەمەلىي مەيداندىكى شەرت – شارائىتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىرىگە باشلامچىلىق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىشىنىڭ «مۆلچەرلەش مۇمكىن، ئەمما قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان» ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ترامپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئافغانلار ئۆز دۆلىتىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە كېلەچىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى خالايمىز» دېدى.

ئافغانىستاندىن تېز سۈرئەتتە چېكىنىپ چىقىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بوشلۇقى يارىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «زەپەر قازىنىش» ئۈچۈن بىر يولغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا خەلقىنىڭ «غەلىبىسىز ئۇرۇش ھارغىنى» بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا خەلقى بىلەن ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر