قاتار بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

قاتار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

794160
قاتار بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن قاتار ھەمكارلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى مەنىۋى رەھبەرلىك ئىدارىسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىپ پايتەخت دوھادا ئۆتكۈزگەن ئورتاق ھەربىي مانىۋېر دائىرىسىدە قاتار ۋە ئامېرىكىلىق  پاراشوتچىلارنىڭ ئەركىن سەكرەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

مەنىۋى رەھبەرلىك ئىدارىسى بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلدىن بۇيان پىلانلاش ۋە ھەربىي مانىۋېر ساھەسىدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر