ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرلىشىپ ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

793408
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئەنئەنىۋى ھەربىي مانىۋېرنىڭ بۇ يىلقىسى رەسمىي باشلىدى.

«ئۇلچى ئەركىنلىك مۇھاپىزەتچىسى»نامى بېرىلگەن ھەربىي مانىۋېرغا شىمالىي كورېيە ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەربىي مانىۋېردا كومپىيۇتېر تەقلىد پىروگراممىسى ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ 17500، جەنۇبىي كورېيەنىڭ 50مىڭ ئەسكىرى قاتناشقان ھەربىي مانىۋېرنىڭ 11 كۈن داۋاملىشىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەربىي مانىۋېردا تانكا ۋە راكېتامىيوتلار ئىشلىتىلمەيدىكەن، ئەسكەرلەرنىڭ كومپىيۇتېر تەقلىد پىروگراممىسى بىلەن قارار بېرىش قابىليىتى سىناق قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەربىي مانىۋېرنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.  

شىمالىي كورېيە بولسا بۇ ھەربىي مانىۋېرنىڭ «ئىشغالىيەت مەشىقى»ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شىمالىي كورېيەدىكى رەسمىي تاراتقۇ ئورگىنى رودوڭ سىنمۇن گېزىتىدە يەكشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە چىققان ماقالىدە ھەربىي مانىۋېرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ۋە «كونترول قىلغىلى بولمايدىغان يادرو ئۇرۇشى»غا سەۋەب بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدە «پەرۋاسىزلارچە قىلمىشلار ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولمايدىغان يادرو ئۇرۇش باسقۇچىغا ئىتتىرمەكتە»دېيىلدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ يىل ئىيۇلدا شىمالىي كورېيەنىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى توختىتىش بەدىلىگە بىرلىكتە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانىدى.

بىراق ئامېرىكا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى جوسېف دۇنفورد ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ھەربىي مانىۋېرلارنىڭ قەتئىي توختىتلمايدىغانلىقى ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر