ئامېرىكا ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلىدى

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتلاب باشلىقى گېنېرال جوسېف دانفورد شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىغا قارشى  ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلىدى.

792630
ئامېرىكا ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانفورد ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولغان ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى ۋە ياپونىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال كاتسۇتوشى كاۋانو بىلەن كۆرۈشتى.

دانفورد ياپونىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، «شىمالىي كورېيە ۋە رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئىككىمىزنىڭ بىرسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھەر ئىككىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئۇچۇق بىلدۈرۈپ قويدۇم، دەپ قارايمەن» دېدى.

جوسېف دانفورد بىلەن كاتسۇتوشى كاۋانو شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېلىشىمى تۈزدى.

كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈلىشىچە، ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا دانفوردنىڭ كاۋانوغا: «ئامېرىكا قورال كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ياپونىيەنى مۇداپىئە قىلىش ۋەدىسىگە بولغان مەستەھكەم ئىرادىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

دانفورد كېيىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن كۆرۈشتى ۋە: «ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەبىئىي ئالاھىدىكى، بولۇپمۇ ھەربىي ساھەدە قىيا تاشتەك مۇستەھكەمدۇر» دېدى.  

شىنزو ئابىمۇ ياپونىيە – ئامېرىكا ئىتىپاقلىقىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە فىرونتىدا ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغداشقا دائىر كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىنى مەدھىيە بىلەن قارشى ئالىمەن» دېدى.

ياپونيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى شىمالىي كورېيەنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكىغا قاراشلىق گۇئام ئارىلىغا قويۇپ بەرمەكچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ 4 رايونىدىن ئۆتۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈلگەندە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA»نىڭ 15 – ئاۋغۇستتىكى رەسمىي ئورگانلارنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، كىم جوڭ ئۇن شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆزىگە سۇنغان پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سىناقلارنى ھازىرچە توختىتىپ تۇرغانلىقىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئۈچۈن قارار ماقۇللاشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كىم جوڭ ئۇن كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ئەتراپىدىكى قارشى تەرەپلەر ئەگەر خەتەرلىك ۋە پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەتلىرىنى داۋملاشتۇرىدىغان بولسا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشقا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر