خەلقئارا بارسېلونادىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

خەلقئارا ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

792320
خەلقئارا بارسېلونادىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن بارسېلوناغا بېرىشنى قارار قىلغان ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىيانو راجوي مۇنداق دېدى: «تېررورچىلار بىرلىك ئىچىدىكى خەلقىمىزنى قەتئىي بويۇن ئەگدۈرۈلمەيدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بۇ قانلىق ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بۇرۇنراق قانۇنىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا «پۈتۈن خىيالىم بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلاردا قالدى، تېررورىزىمغا قارشى بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز»دېگەن مەزمۇندا ئۇچۇر تارقاتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ۋەقە توغرۇلۇق تارقاتقان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسپانىيەگە تېگىشلىك ياردەملەرنى قىلىدۇ. ئىسپانىيە كۈچلۈك بولۇڭلار، سىلەرنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمىز.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئامېرىكا  بىلەن ئىتتىپداشلىرىنىڭ تېررورچىلارنى تېپىپ قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى ئانتونىيو تاجانى مۇنداق دېدى: «بارسېلونادىكى تېررورلۇق قىلمىشىنىڭ قۇربانلىرىنىڭ قايغۇسى ئورتاقلىشىمىز، ئىسپانىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز.»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېيغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىسپانىيە بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپ بايانات ئېلان قىلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر