ئامېرىكا: بىز شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىش تەرەپدارىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ۋاشىنگتوننىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

790930
ئامېرىكا: بىز شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىش تەرەپدارىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون، ۋاشىنگتوننىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭ-ئۇنغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

رېكس تىللېرسون تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، يېقىندىن بۇيان ئەۋجىگە چىققان ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىق توغرىسىدا توختىلىپ، «ھېلىھەم شىمالىي كورېيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش تەرەپدارىمىز، بىراق بۇ كىم جوڭ-ئۇنغا باغلىق» دېدى.

رېكس تىللېرسون، شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ «ئامېرىكىلىق كورېيە يېرىم ئارىلىدا خەتەرلىك ئويۇن ئويناۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي كورېيەنى دۆلىتىگە تەھدىت سېلىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ، بۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمىسا، پىيوڭياڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر