ئىدلىبنىڭ ھامىيسى تۈركىيە

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ئىدلىب خەلقىنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

790494
ئىدلىبنىڭ ھامىيسى تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى جەۋاد خەتتاب: «ئىدلىب خەلقى رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان چەت ئەل كۈچلىرىگە قارشى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قارشى چىقىدۇ، ئەمما تۈركىيە ئارمىيەسى بىزنىڭ ھامىيمىز ۋە بىخەتەرلىك مەنبەيىمىزدۇر. شۇڭا تۈركىيە ئارمىيەسى رايونىمىزغا كەلگەن تەقدىردە، خەلقىمىز قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا تۈرك ئەسكىرىنى باغرىغا باسىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە قارا نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ يىرگىنچلىك پارچىلاش سۇيىقەستىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. بارلىق قارا نىيەتلىك كۈچلەر نەزىرىنى ئىدلىبكە ئاغدۇردى. بۇ باسقۇچتا تۈركىيە بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ھامىيمىز ۋە بىخەتەرلىك مەنبەيىمىزدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر