«بىرما ھۆكۈمىتى ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىۋاتىدۇ»

ياۋروپا روھىڭيا كېڭىشى باشلىقى ھىلا كىياۋ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەربىي قىسىم ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

790362
«بىرما ھۆكۈمىتى ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا روھىڭيا كېڭىشى باشلىقى ھىلا كىياۋ ئاراكانغا ئەۋەتىلگەن 33-پىيادە قىسمىنىڭ ئېتنىك توپلۇققا زۇلۇم قىلىشتا ئەڭ ۋەھشىي قىسىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاراكاندا ھەربىي نوپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە روھىڭيادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن بۇ قىسمنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتقان ھىلا كىياۋ مۇنداق دېدى: «روھىڭيادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئەمەلىيەتتە ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى، ئارمىيە ئاراكاندىكى مۇقىمسىزلىقنى باھانە قىلىپ نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.»

ماۋداۋدا بۇ ئاينىڭ بېشىدا 7 دېھقاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان ھىلا كىياۋ، بۇ جىنايەتلەرنى ھەربىي ئىستخبارات خادىملىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەربىي ئىستىخبارات باشقارمىسى مۇقىمسىزلىقنى باھانە قىلىپ مەسىلە پەيدا قىلىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ تاراتقۇلىرى بولسا ھېچقانداق پاكىتقا تايانماي ياكى قائىدە-پىرىنسپلارغا مۇۋاپىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايلا روھىڭيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.»

بىرما ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار ئاراكانغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن روھىڭيالىقلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقى توغرۇلۇق دەلىل-پاكىتلارنى يىغىپ چىققانلىقلىرىنى ئېيتقان ھىلا كىياۋ، بۇ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارىنىڭ يەنە بىرما تاشق ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ چىنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چى روھىڭيادا ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئارمىيە بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگە، غەرب دۇنياسى بولسا روھىڭيادىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە رايون دۆلەتلىرىدىن بىرما ھۆكۈمىتىگە روھىڭيا خەلقىنىڭ يوق بولۇش كېتىشىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر