نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر لىۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى

بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر، لىۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەلى زەيداننى گۆرۈگە ئېلىپ، نامەلۇم بىر جايغا يۆتكەپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

789246
نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر لىۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ، لىۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەلى زەيداننى پايتەخت ترابلۇستىكى «ئەششەرق» مېھمانخانىسىدىن گۆرۈگە ئېلىپ، نامەلۇم بىر جايغا ئېلىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە كىملىكلىرى ئېنىقلىنالمىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ قايسى گۇرۇپپىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە زەيداننى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش سەۋەبى ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىدى.

سابىق باش مىنىستىر زەيدان، 2013 – يىلى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە «لىۋىيە ئىنقىلابچى ھەرىكەتلەر بىرلىكى» گە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر