ترامپنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ 777 دوللاردىن كۈنلۈك ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نيۇ يوركتىكى بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن ئۆينىڭ كېچىلىكى 777 دوللارغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ.

788250
ترامپنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىنىڭ 777 دوللاردىن كۈنلۈك ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىشىدىن ئىككى ئاي كېيىن 2 مىليون 140 مىڭغا دوللارغا سېتىلغان ئۆينىڭ ئىجارىگە بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئېلان ئىجارىگە بېرىش تورى Airbnb غا چىقىرىلدى.

ئېلاندا كۆرسىتىلىشىچە، نيۇ يوركنىڭ كۇئېنس رايونىغا جايلاشقان مۇستەقىل ئۆيدە 20 كىشى تۇرالايدىكەن. ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆينىڭ زالىدىكى ترامپنىڭ ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك مودېلى چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر