ترامپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ مەتبۇئاتتىن يىراق تۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان پەقەت بىر قېتىملا مېدىيا مەنسۇپلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

785988
ترامپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ مەتبۇئاتتىن يىراق تۇرۇش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: س ن ن تېلېۋىزىيە قانىلى، ترامپنىڭ 20 – يانۋاردا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيانقى 200 كۈندە پەقەت بىرلا قېتىم، يەنى 16 – فېۋرالدا مېدىيا مەنسۇپلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ رېكورت ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ 1953 – يىلىدىن بۇيان ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى 200 كۈندە ئەڭ ئاز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن پىرېزىدېنت بولغان.

ئالدىنقى پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئوخشاش مەزگىلدە 9؛ جونسون 19؛ جورج بۇش 18 قېتىم مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرغانىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغاندىن بۇيان مەخسۇس كاتىپىنى، بىر مەخسۇس كاتىپ ياردەمچىسى ۋە 3 ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى ۋە بىر باياناتچىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ترامپنىڭ 7 ئايلىق پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە ئاقسارايدا ئەڭ كۆپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئورۇن، ئۇچۇر – ئالاقە دىرېكتورلۇقى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر