جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى

جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيە بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

784574
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوچۇق ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كيۇڭ-ۋخا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان فىلىپپىندا، شىمالىي كورېيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، مانىلا نىنوي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا بايانات بېرىپ، «كۆپ دۆلەتلىك دىپلوماتىك بىر مۇنبەرگە تۇنجى قېتىم قېتىلىۋاتىمەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كۆپ دۆلەت بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردۇق» دېدى.

خەۋەردە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭ-خو بىلەن كاڭنىڭ بەزى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشىگە دائىر «تەمكىنرەك» ئۈمىدلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

«تاسادىپىي ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، سۆزلەشسەك بولىدۇ» دېگەن كاڭ، «شىمالغا قۇتراتقۇلۇقلىرىنى توختىتىشىنى ۋە كورېيە ئارىلىدا تىنچلىق ئورنىتىشقا ئالاقىدار ئاخىرقى ئالاھىدە تەكلىپلىرىمىزگە ئىجابىي جاۋاب بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر