ئىران: ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى

ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ماقۇللىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولغان ئېمبارگولارنىڭ 2015 – يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

782826
ئىران: ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ئابباس ئاراقچى بۇ ھەقتە ئسنا خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىندى. بۇنىڭغا مۇۋاپىق ۋە مۇۋازىنەتلىك نارازىلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلغانلىقىنى تايانچ قىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىرانغا تەۋە 18 ئورۇن ياكى شەخسنىڭ يېڭى ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە بايلىقىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتا» دېيىلگەنىدى. باياناتتا يەنە، تېھران دائىرىلىرىنىڭ (سۈرىيەدە) ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىگە سالغان زۇلۇملىرىغا قارىماي، ئەسەدنى ھاكىمىيىتىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇسىي ئىسيانچىلارنى قوللاش ئارقىلىق يەمەندىكى ئۇرۇشنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر