قاتار ئەمىرى: ۋەزىيىتىمىز بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئالسانى دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنىڭ پارس قولتۇقى يۈز بەرگەن ئىيۇن ئېيىدىن بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

782759
قاتار ئەمىرى: ۋەزىيىتىمىز بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئالسانى باشچىلىقىدا مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى. قاتار «QNA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەيخ تەمىم مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، كىرىزىس باسقۇچىدا قاتارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان.

 ئۇ: «ھازىرقى قاتار بىز ئۈچۈن ۋە ھەممە كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا 2017-يىلى ئىيۇن ئېيىدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئوخشىمايدۇ. ئىپتىخارلىنىدىغان تارىخىمىز بار، بىراق 2017-يىل ئىيۇن ئېيىدا يۈز بەرگەنلەر بىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەشكە سەۋەب بولدى» دېگەن.

ئۇ كېيىنكى مەزگىل ۋە قاتارنىڭ 2030-يىللىق نىشانىغا قاراپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاساسىي تەرەققىيات لايىھەلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك نورمال سۈرئەتتە، تەلەپ قىلىنغان سۈپەتتە داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

شەيخ تەمىم دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد، يېمەك-ئىچمەك ۋە تىببىي ساھەلەردە ئۆزىگە ئىشىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، كەلگۈسىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئچىكى ئىشلار ساھەسىدىكى خىزمەتلەر بىلەن ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە مائارىپ قاتارلىقلاردا ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېگەن:

«قاتار پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى دىيالوگ بىلەن ھەل قىلىشقا تەييار. ئەگەر بىر كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغان بولسا ئۇنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشتىن يىراق تۇرۇپ، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىشتىن ساقلىنىپ، بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.»

پارس قولتۇقى كىرىزىسى 5-ئىيۇل سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتار بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى نەتىجىسىدە پارتلىغان ئىدى. مەزكۇر تۆت دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن دوھا ھۆكۈمىتىگە 13 ماددىلىق تەلەپ تىزىملىكىنى سۇنغان بولۇپ، قاتار بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر