تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدىكى بىر جامەدە ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىككى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

782004
تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋانلاردىن بىرىنىڭ ھېرات شەھەر مەركىزىدىكى جەۋادىيە جامەسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىشى، ئىككىنچى زوراۋاننىڭ جامەنىڭ ئىچىگە كىرىپ، جامائەتكە قالايمىقان ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 29 كىشى ئۆلگەن، 64 كىشى يارىلانغان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە جامە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «مۇقەددەس جاي ۋە مەسۇم كىشىلەر نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر