شىمالىي كورېيە پەۋقۇلئاددە دېڭىز ئاستى پائالىيەتلەردە بولماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇلى شىمالىي كورېيەنىڭ كۆتۈلمىگەن ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە پەۋقۇلئاددە دېڭىز ئاستى پائالىيەتلەردە بۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

781633
شىمالىي كورېيە پەۋقۇلئاددە دېڭىز ئاستى پائالىيەتلەردە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ كۆتۈلمىگەن پەۋقۇلئاددە دېڭىز ئاستى پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى بايقالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مەسئۇل، «CNN» گە بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ جۈمە كۈنىدىكى قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان كۆتۈلمىگەن ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە پەۋقۇلئاددە دېڭىز ئاستى پائالىيەتلەردە بۇلۇۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىلىق مەسئۇل، شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يەكشەنبە كۈنى سىنپودىكى ھەربىي پاراخوت زاۋۇتىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 4 – سىناق ۋە بۇ ئاي ئىچىدىكى 3 – سىناق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى شىمالىي كورېيەنىڭ جۈمە كۈنى يەنە بىر بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادى رايونىغا قاراشلىق دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر