شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ۋە بوران تەيۋەنگە ئېغىر زىيان سالدى

ھەپتە ئاخىرىدا تەيۋەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا زىيان يەتكۈزگەن «نېسات» ۋە «خايتاڭ» بورانلىرىدا 131 ئادەم يارىلاندى، بىر ئادەم يوقاپ كەتتى.

780727
شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ۋە بوران تەيۋەنگە ئېغىر زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –سنانىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ئارالدىكى 279 جايدا سەل ئاپىتى پەيدا قىلغان، 20587 ئۆينىڭ توكى توختاپ كەتكەن.

خەۋەردە، شىددەتلىك ھۆل – يېغىن ۋە بورانغا زەربىسىگە ئۇچرىغان 5137 ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، «خايتاڭ» بورىنىنىڭ تەيۋەندىن كېيىن خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان فۇجيەن ئۆلكىسىگە زەربە بېرىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر