گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ ئۈچ دۆلەتكە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

780803
گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بىرىگىتتې زىياپرېس ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىرىگىتتې زىياپرېس فۇنكې مېدىيا گۇرۇھى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال خەلقئارا قانۇنغا تامامەن خىلاپ، ئامېرىكىلىقلار گېرمانىيە شىركەتلىرىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا قىلىشلىرى سەۋەبلىك جازالىيالمايدۇ.»

مىنىستىر ياۋروپا كومىتېتىنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ يەنە مۇنداق دېدى: «سودا ئۇرۇشى قەتئىي خالىمايمىز، ياۋروپا كومىتېتى بۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىشى لازىم.»

بۇنىڭدىن تاشقىرى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرائېلمۇ ئامېرىكا ئېمبارگولىرىنىڭ ياۋروپا شىركەتلىرىگە قارشى يۈرگۈزۈلمەسلىكى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئېمبارگو سىياسەتلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىكسپورت مەنپەئەتلىرى بىلەن يەرلىك ئېنېرگىيە ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر