ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋەقەلىرى ئانالىز قىلىندى

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئارمىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى خالىغانلارنىڭ %87 ى ئەر بولۇپ، %68 ى 30 ياشتىن كىچىك ۋە %60 دىن كۆپرەكى ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلار ئىكەن.

778997
ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋەقەلىرى ئانالىز قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسىدە 5 يىل ئىچىدە 9512 قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات 2004 – يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە بولغان جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«<JAMA> رۇھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى»نىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەربىي قىسىملاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خەۋپى» ناملىق تەتقىقاتنى بويلىغان ھالدا ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش ۋەقەلىرى تەكشۈرۈلدى.

مارىلاندتا تۇرۇشلۇق دۆلەتكە تەۋە سەھىيە بىلىملىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رۇھىي كېسەللەر دوختۇرلىرى 2004 – يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئاكتىپ ۋەزىپىگە قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئارمىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى خالىغانلارنىڭ %87 ى ئەر بولۇپ، %68 ى 30 ياشتىن كىچىك ۋە %60 دىن كۆپرەكى ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقلار ئىكەن.

«<JAMA> رۇھىي كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى دوكتور روبېرت ئۇرسانو ماقالىسىدا، «ئەگەر بىر ھەربىي قىسىمدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ قىسىمدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

سان ئاتونىيودىكى تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە بىلىملىرى مەركىزىدە رۇھىي كېسەللىكلەر پىروفېسسورى ئالان پېتېرسونمۇ بۇ تەتقىقات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىي قىسىملاردىكى شارائىتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى نۇقتىلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

  ئامرىكىنىڭ ھەربىي سەھىيە سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋەقەلىرىنىڭ %20 ى دېگۈدەك پىنسىيەگە چىققان ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۆرۈلىدىكەن.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر