فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى ئوت ئاپىتىنىڭ پەنجىسىدە قالدى

كورسىكا ئارىلى ۋە سېن تىروپېز قاتارلىق جايلاردا ئۇلتۇراق رايونلارنى بويلىغان قاتناش يوللىرى قاتناشتىن توختىتىلدى. 10 مىڭغا يېقىن كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

778213
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى ئوت ئاپىتىنىڭ پەنجىسىدە قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋار، ۋوكلۈز ۋە ئالپ مارىتىم رايونلىرى بىلەن كورسىكا ئارىلىدا قورغاقچىلىق ۋە تاماكا تاشلاش سەۋەبىدىن باشلانغان ئوت ئاپىتىنى كونتىروللۇققا ئېلىش تەسكە توختىماقتا.

كۈچلۈك شامال ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە نىسبەتەن قېيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. 3000 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۆيۈپ كۈل بوپ بولدى.

كورسىكا ئارىلىدا 1800 گېكتار ئورمان پۈتۈنلەي كۆيۈپ، گويا ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە 4 مىڭدىن ئارتۇق خادىم قاتناشتى.

ئېگىز ۋە يېتىپ بېرىش قېيىن بولغان جايلارغا 19 ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھاۋادىن مۇداخىلە قىلماقتا.

ئوت ئاپىتى ئېغىر بولغان جايلاردىن پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىمۇ باشلاندى.

كورسىكا ئارىلى ۋە سېن تىروپېز قاتارلىق جايلاردا ئۇلتۇراق رايونلارنى بويلىغان قاتناش يوللىرى قاتناشتىن توختىتىلدى. 10 مىڭغا يېقىن كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش ۋە باشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر جەريانىدا 15 ساقچى ۋە 4 نەپەر ئوت ئۆچۈر خادىمى يارىدار بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر