ئامېرىكىلىق ھەربىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئىيوردانىيەلىك ئەسكەرگە قاماق جازاسى بېرىلدى

ئىيوردانىيەلىك ئەسكەر مارىق ئەل تاۋاھا ئامېرىكىلىق ھەربىي ئوقۇتقۇچىلارنى قەستەنلىك بىلەن ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

777253
ئامېرىكىلىق ھەربىي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئىيوردانىيەلىك ئەسكەرگە قاماق جازاسى بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەدە ئۆتكەن نويابىر ئېيىدا 3 نەپەر ئامېرىكىلىق ھەربىي ئوقۇتقۇچىنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەبىيلەنگەن ئىيوردانىيەلىك ئەسكەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى.

ئىيوردانىيە ھەربىي سوت مەھكىمىسى جارف رايونىدىكى پادىشاھ فەيسەل ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 3 نەپەر ئامېرىكىلىق ھەربىي ئوقۇتقۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەپ، 39 ياشلىق ئەسكەر مارىق ئەل تاۋاھانى مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ھەربىي سوت مەھكىمىسى تاۋاھاغا قوشۇمچە، ئۆمۈر بويى دۆلەتكە مەنپەئەتلىك ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىش جازاسى بەردى.

ئىيۇردانىيەلىك ئەسكەر مارىق ئەل تاۋاھا بولسا، «ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دەپ قارىغانلىقىنى ۋە «توختا!» دەپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ توختىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر