سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە بىر قىسىم ئورگان ۋە شەخسنى «تېررورلۇق تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى

قاتارغا ئېمبارگو قويغان سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەنە بىر قىسىم ئورگان ۋە شەخسنى «تېررورلۇق تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى.

776856
سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە بىر قىسىم ئورگان ۋە شەخسنى «تېررورلۇق تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارغا ئېمبارگو قويغان سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «تېررورلۇق تىزىملىكى»گە يەنە 9 ئورگان ۋە شەخسنى كىرگۈزدى.

مىسىر خەۋەر ئاگېنتلىقى مەنانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تۆت دۆلەت بىرلىشىپ ئېلان قىلغان قارارنامىدە مۇنداق دېيىلگەن:«تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە قاتار بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مۇناسىۋىتى بولغان 9 ئورگان ۋە شەخس تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.»

خەۋەردە، تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە لىۋىيە بىلەن يەمەنگە باغلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئورگانلار ئىچىدە بىنغازى ئىنقىلابچىلار شۇرا كېڭىشى، لىۋىيە «نەبە»تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يەمەندىكى بىر قىسىم خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ بارلىقى، 3ى  قاتارلىق، قالغانلىرى كۇۋەيت، يەمەن ۋە لىۋىيە پۇقراسى بولغان كىشىلەر ئىچىدە كۇۋەيتلىك دىنى ئۆلىما ھامىد بىن ئابدۇللاھ ئەل-ئەلىنىڭ بارلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە قاتارنىڭ «تېرروىزىمغا قارشى كۈرەش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى، لېكىن يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

بۇ تۆت دۆلەت بۇ يىل 9-ئىيۇندا قارارنامە ئېلان قىلىپ، قاتار قوللاپ كەلگەن 59 شەخس بىلەن 12 خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ «تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى»بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «تېررورلۇق تىزىملىكىگە»كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

قاتار بىلەن بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس 5-ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى بىلەن باشلىدى. ئارقىدىن قاتارنى مۇھاسىرە ئاستىغا ئالغان بۇ تۆت دۆلەت قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتار ھۆكۈمىتىگە 13 ماددىلىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، قاتار ھۆكۈمىتى بۇ ماددىلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر