مەسجىدى ئەقسادىكى مېتال ئەشيالارنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، پەلەستىن خەلقى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان يولسىزلىقلىرىنىڭ بىرىگە خاتىمە بېرىشنى قارار قىلدى.

777021
مەسجىدى ئەقسادىكى مېتال ئەشيالارنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئېلىپ تاشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى كابېنىتى، قۇددۇسنىڭ مۇقەددەس رايونىغا كىرىش ئېغىزىغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان مېتال ئەشيالارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مېتال ئەشيالارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىغا بىر ئاز دىققەتنى تارتىدىغان ئەقىللىق كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئورنىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر