ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

773691
ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 6 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 3 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى؛ تالىباننىڭ 16 ئەزاسىنىڭ ئۆلۈك، 27 ئەزاسى يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

باغلان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ شۇجا، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ۋىلايەتنىڭ مەركىزىي ناھىيەسىدىكى ھەربىي ۋە ساقچى ئورۇنلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، زاپاس قىسىملارنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشى بىلەن تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى، توقۇنۇشنىڭ ناھىيە مەركىزىنىڭ سىرتىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر