رۇسىيەدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى

رۇسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كامچاتكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى.

772722
رۇسىيەدە 7.8 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش مەركىزى بايانات بېرىپ، كامچاتكا يېرىم ئارىلى بېرىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.8 بال يەر تەۋرەش بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئالاسكانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نېئىر تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىي قىسمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تەۋرەشنىڭ رايوندىكى 200 كىۋادرات كىلومېتىر جايدا تەسىر پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بىرى 5.2 بال بولۇپ قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكىدىمۇ ھېس قىلىنغان يەر تەۋرەش توغرىسىدا بايانات بەرگەن ئامېرىكا تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى بولسا، تەۋرەش نۇقتىسىغا 300 كىلومېتىر كېلىدىغان قىرغاقلاردا دېڭىز تاشقى يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە، ئورېگون، ۋاشىنگتون ياكى ئالاسكا قىرغاقلىرىدا بۇنداق بىر ئەندىشىنىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر