فىرانسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «جىنايەتلىرى»نى ئېتىراپ قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمائۇل ماكرون فىرانسىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆلۈپ كەتكەن 13 مىڭ يەھۇدىنىڭ ئۆلۈمىدىن جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

772026
فىرانسىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى «جىنايەتلىرى»نى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمائۇل ماكرون فىرانسىيەنىڭ  2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ 13مىڭ يەھۇدىنىڭ قەتل قىلىنىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قوبۇل قىلدى.

ماكرون فىرانسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ بىلەن، فىرانسىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ناتسست يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەن فىرانسىيەلىك مۇسەۋىلەرنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتناشتى.

ماكرو مۇراسىمدا سۆز قىلىپ  ئەينى دەۋىردە ناتسستلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ۋىچىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەردىن جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:«ۋىچىي فىرانسىيە خەلقى ئەمەس ۋە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بىراق فىرانسىيەنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە ھۆكۈمىتى ئىدى.»

نېتانياھۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەرگە پەقەت مۇسەۋى بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاستا-ئاستا قەتل قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزغا تازىم قىلىشقا كەلدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەرگە قۇربانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر