دائېشنىڭ ئافغانىستان رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى

بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتتە «بومبىلارنىڭ ئانىسى» دەپمۇ بىلىنىدىغان 19 توننا پارتلاتقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «MOAB » ناملىق بومبىنى ئاتقان ئىدى.

771200
دائېشنىڭ ئافغانىستان رەھبىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئافغانىستان شۆبىسى بولغان دائېش- خوراسان گۇرۇپپىسى رەھبىرى ئەبۇ سەيىدنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كۇنار ناھىيەسىدىكى مەركىزىگە 11 – ئىيۇل كۈنى ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرى بىرلىكتە مارت ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى نانگاھار ۋىلايىتىدىن تازىلاش ئۈچۈن رايوندا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.  

بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئاپرىل ئېيىدا «بومبىلارنىڭ ئانىسى» دەپمۇ بىلىنىدىغان 19 توننا پارتلاتقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «MOAB» ناملىق بومبىنى ئىشلەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر