گېرمانىيە سۈرىيەدىن خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ ھەجىمىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قورال پىروگراممىسىنىڭ ھەقىقىي ھەجىمىنى راستچىللىق بىلەن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

769852
گېرمانىيە سۈرىيەدىن خىمىيەلىك قوراللىرىنىڭ ھەجىمىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىيېل: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى خىمىيەلىك قورال پىروگراممىسىنىڭ ھەقىقىي ھەجىمىنى تولۇق ئېنىق بىلدۈرۈپ، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ: «يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى قورقۇنچ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر