دائېشتىن ئازاد قىلىنغان جەرابلۇسقا قايتقۇچىلارنىڭ سانى كۈنگە-كۈنگە كۆپەيمەكتە

فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە دائېشتىن ئازاد قىلىنغان جەرابلۇسقا قايتقۇچىلارنىڭ سانى كۈنگە-كۈنگە كۆپەيمەكتە .

768355
دائېشتىن ئازاد قىلىنغان جەرابلۇسقا قايتقۇچىلارنىڭ سانى كۈنگە-كۈنگە كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق جەرابلۇس ناھىيەسىگە قايتقانلارنىڭ سانى 44مىڭ 643كە چىقتى.

سۈرىيەلىكلەر مەملىكىتىگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن گازىئانتەپ ۋالىي مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلماقتا. رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن قېرى،ياش، ئەر-ئايال بولۇپ نۇرغۇن سۈرىيەلىك قاراقامىش تاموژنا ئېغىزىدىكى رەسمىيەتلەردىن كېيىن مەملىكىتىگە قايتماقتا.

بۇ كىشىلەر قاراقامىش تەنتەربىيە زالىدىكى رەسمىيەتلەردىن كېيىن جەرابلۇسقا ئەۋەتىلمەكتە.

گازىئانتەپ كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى ئوكتاي باھچەجى 2016-يىلى 7-سېنتەبىردىن باشلاپ سۈرىيەگە قايتىشنىڭ باشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

باھچەجى ئىلتىماس قىلغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ قايتىش رەسمىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەملىكەتلىرىگە قايتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر