ئامېرىكا ئافغانىستاندا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن  ئارىزونا ئالىي پالاتا ئەزاسى جون ماككايىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

767847
ئامېرىكا ئافغانىستاندا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن  ئارىزونا ئالىي پالاتا ئەزاسى جون ماككايىن ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئالىي پالاتاسى قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتى باشلىقى ۋە ئارىزونا ئالىي پالاتا ئەزاسى ماككايىن، مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى.

«ئافغانىستاندىكى نوپۇسىمىز بارغانچە ئاجىزلىشىپ بارماقتا، ئىستىراتېگىيەمىز يوق، ئەگەر قارشى تەرەپنى مەغلۇب قىلالالمىساق، بۇ مەغلۇب بولغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر»دېگەن ماككايىن، ئاقساراينىڭ ئافغانىستان ئىستىراتېگىيەسى مەسىلىسىدە ئېنىق پوزىتسىيەسىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ماككايىن سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم ۋە ئىستىراتېگىيەمىزنى ئېنىق بېكىتىشىمىز كېرەك.  پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇنى بۇرۇنلا قىلىشى لازىم ئىدى. ئامېرىكا خەلقىگە مۇنداق دېمەكچىمەن: ئافغانىستاندا غەلىبە قىلىشىمىز شەرت ئىدى، 11-سېنتەبىرنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئافغانسىتانغا بېرىشىمىزنىڭ سەۋەبى بار. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئاقساراينىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئېنىق پوزىتسىيەسى يوق، بىراق مەن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ياخشى مىللەت بولغان ئامېرىكىنىڭ بۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئامېرىكا 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن 2001-يىلى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى.

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىپىسى 2014-يىلى 28-دېكابىردا ئاخىرلاشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتو بولسا 2015-يىلى ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەلىم-تەربىيە بېرىش ۋە قوللاش پىروگراممىسىنى ئۇقتۇردى.

8400دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى  5000 ناتو ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

بۇ يىل15-ئىيۇندا ئامېرىكا مېدىياسى پېنتاگوننىڭ ئافغانىستانغا 4000 زاپاس ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تالىباندىن سىرت دائېشمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئافغانىستاندا پۇقرالار بىلەن ئەسكەرلەر داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر