پۇتىن: تۈركىيەنىڭ ياردىمىسىز توقۇنۇشماسلىق رايونى تەسس قىلغىلى بولمايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، سۈرىيەدىكى توقۇشماسلىق رايونلىرىنى تۈركىيەنىڭ ياردىمىسىز تەسىس قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

767291
پۇتىن: تۈركىيەنىڭ ياردىمىسىز توقۇنۇشماسلىق رايونى تەسس قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، مۇخبىرلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئەسناسىدا سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم يارىتالايدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىردەكلىك بار. سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ئالاقىدار ئېلان قىلىنغان توقۇنۇشماسلىق كېلىشىمىمۇ بۇنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېدى.

پۇتىن، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ رايونلارنىڭ چېگرالىرى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىش بەكلا مۇھىم. ئىدلىب ۋە سۈرىيەدە بەرپا قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىۋاتقان توقۇنۇشماسلىق رايونلىرىنىمۇ تۈركىيەنىڭ قوللىشى بولماي تۇرۇپ شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىن، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى ي پ گ غا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ، «سۈرىيەدىكى بەزى كورد گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىراق، بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ قوراللاندۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىزنىڭ خېلىلا ئالدىمىزدا بولۇپ، بىزگە قارىغاندا ناھايىتى زور مىقدارلاردا قىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر