ئامېرىكا سومالىدا ئەش شاباب تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئامېرىكىنىڭ سومالىدا ئەششابابقا قارشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن 50 كىشىلىك ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى مەۋجۇت.

765994
ئامېرىكا سومالىدا ئەش شاباب تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى سومالىدا ئەش شاباب تەشكىلاتىغا قاراشلىق بىر يىغىلىش مەيدانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. 

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پالكوۋنىك جېف داۋىس ھۇجۇمغا قارىتا «كوللېكتىپلىق مۇداپىئە ھەرىكىتى» دەپ باھا بەردى.

جېف داۋىس سومالىنىڭ پايتەختى موغدىشۇغا شەرقىي جەنۇبتىن تەخمىنەن 400 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى رايونغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۇجۇمدا ئەششەبابقا تەۋە بىر يىغىلىش مەيدانى نىشان قىلىندى. ئىشقا يارايدىغان ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىغا بىنائەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىسىنى تەكشۈرىۋاتىمىز. يېڭى مەلۇمات كەلگەندە يەنە ئورتاقلىشىمىز» دېدى. 

ئامېرىكىنىڭ سومالىدا ئەششابابقا قارشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن 50 كىشىلىك ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى مەۋجۇت.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مارت ئېيىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابىغا ئۆز ئالىدىغا مۇستەقىل ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابى يېڭى ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئاي ئەششابابنىڭ ترانسپورت نۇقتىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ۋە 8 نەپەر ئەششاباب ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر