شىمالىي كورېيە دۇئېل ئىلان قىلدى

شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكىغا يادرولۇق قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى ھەدىيە قۇتىلىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

765322
شىمالىي كورېيە دۇئېل ئىلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تۇنجى ئۇزۇن مۇساپىلىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نەتىجىلىك سىناق قىلغاندىن كېيىن، سىناققا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئامېرىكىغا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا دۇئېل ئېلان قىلدى. 

شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «KRT» دە تاقىتىلغان خەۋەردە، دۆلەت رەئىسى كىم جوڭئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بىرگە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرولۇق قورالدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىغا يادرولۇق قورال ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى ھەدىيە قۇتىلىرىنى ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا دائىر سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

خەۋەردە، كىم جوڭئۇننىڭ ئوچۇق بىر مەيداندا، ئەتراپىغا گېنېراللار بىلەن بىيۇكراتلارنى توپلىغان ھالدا كومپىيۇتېر ئېكرانى ئالدىدا ئۆرە تۇرغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى.

كىم جوڭئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى يۈزىدە كۈلكە، ئالاھىدە خۇشاللىق بىلەن كۆزدىن كەچەرگەنلىكى ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە «چىدىماسلارغا ئۇششاق-چۈششەك  ھەدىيە ئەۋەتىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرى شىمالىي كورېيەنىڭ سىناقلىرىغا جاۋابەن كۈچ كۆرسىتىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيە دېڭىزىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر